ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئى ش ئى د مەسىلىسىدە تۈركىيەنى قوللىدى.

241336
ئامېرىكا تۈركىيەنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يېن پىساكى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى جېيمس كلېپپىرنىڭ، «تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەش يوق» دېگەن سۆزلىرىگە قارشى تۈركىيەنى قوللىدى.
پىساكى، پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كلېپپىرنىڭ سۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، «بۇنداق سوئاللارنى سورايدىغان جاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىدۇر. بىراق مېنىڭچە تۈركىيە ئامېرىكىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر ھەمراھ سۈپىتىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن ئى ش ئى د گە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن پىساكى، «پەقەت ھەربىي جەھەتتىنلا ئەمەس، چەت ئەللىك غازاتچىلار مەسىلىسىدىمۇ، پۇل - مۇئامىلە مەسىلىسىدىمۇ مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىماقتا. باشتىن تارتىپلا تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، بۇ ھەقتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىلىشىغا تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن بۇ ھەقتە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدۇق» دېدى.
پىساكى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنى تەربىيەلەش - قوراللاندۇرۇش پىروگراممىسىغىمۇ ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى جېيمس كلېپپىر، تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەش يوقلۇقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئى ش ئى د نىڭ سېپىگە قېتىلغان % 60 چەت ئەللىك غازاتچىلارنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر