ئامېرىكا بىلەن چېختا خوجالى قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەندى

خوجالى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 23 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.

241079
ئامېرىكا بىلەن چېختا خوجالى قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن چېخ جۇمھۇرىيىتىدە تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئەزەربەيجان جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىرى خوجالى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش ۋە مۇراسىم ئۆتكۈزدى. مۇراسىملاردا قۇربان بولغانلار ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئەرمېنىيە ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلانغان بىر توپ ئامما، قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نىيۇ يوركتا ئەزەربەيجان جەمئىيىتى ۋە تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئەرمېنىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋاكالەتخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. ئەزەربەيجان جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەرجان يەردەلەنلى خوجالى قەتلىئامىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنغا مەكتۇپ يازغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
چېخ پايتەختى پىراگادا، ئەزەبەيجان ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى خوجالى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا، نۇرغۇنلىغان ئەزەربەيجانلىق ۋە تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
1992 – يىلى 26 – فېۋرال كېچىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى بىلەن خوجالىغا باستۇرۇپ كىرگەن ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى، 106 ئايال، 83 كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 613 ئادەمنى ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر