ئامېرىكا ئىراننى يادرو مەسىلىسى تۈپەيلى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا يادرو مۇزاكىرلىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىق سىگنالىنى بەردى.

228006
ئامېرىكا ئىراننى يادرو مەسىلىسى تۈپەيلى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى كېلىشىمنامىسىنىڭ تۇنجى باسقۇچى ئۈچۈن بېكىتىلگەن مۇددەتنىڭ توشۇشىغا بىر نەچچە كۈن قالدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، يادرو مۇزاكىرىلىرىدە ئىران بىلەن پىكىر ئوخشىماسلىقى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئامېرىكىنىڭ يادرو مۇزاكىرىلىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى سىگنالىنى بەردى.
جون كېررىي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە يادرو پىروگراممىسىنىڭ تىنچلىقىنى مەقسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكى بايقالغان تەقدىردە مۇزاكىرىلەرنى توختىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
جەنۋەدە ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئابباس ئاراكچى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى ۋېندېي شېرمان ئوتتۇرىسىدا 20-فېۋرالدا باشلىغان مۇزاكىرىلەرمۇ داۋاملىشىدۇ.
مۇزاكىرىلەرگە بۈگۈن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىلەن ئامېرىكىلىق مەنسەبدېشى جون كېررىيمۇ قاتنىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر