غەرب بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئەڭ ناچار سەۋىيەنى

ئۇكرائىنا مەسىلىسى تۈپەيلى غەرب بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سوغۇق ئۇرۇشتىن بۇيانقى ئەڭ ناچار سەۋىيەنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

226828
غەرب بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئەڭ ناچار سەۋىيەنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكۋا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيەنى «يەر شارى خاراكتېرلىك سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنۇش» بىلەن ئەيىبلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يېن پىساكى، رۇسپەرەسلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيە ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك سىستېمىغا زىيانكەشلىك قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆپ ساندىكى پالاتا ئەزالىرىمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرىگە مەكتۇپ يوللاپ، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە ئۇكرائىناغا قورال - ياراغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە چاقىرىقتا بولدى. دۆلەتتە توقۇنۇشلار دونېتسك ۋە مارىئۇپول ئەتراپىدىكى يېزا – قىشلاقلارغا مەركەزلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيە ئۇكرائىنادىن تەبىئىي گاز قەرزىنى تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى. رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ، ئۇكرائىنا قەرزىنى تۆلىمىگەن تەقدىردە يېرىم قىش مەزگىلىدە تەبىئىي گازنى توختىتىپ قويۇش بىلەن تەھدىت سالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنانىڭ سابىق رۇسپەرەس پىرېزىدېنتى ۋىكتور يانۇكوۋىچنىڭ نامايىشلار جەريانىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنىڭ بىرىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، موسكۋادا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە. رۇسىيە يانۇكوۋىچنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى «ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر