نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچكەن

2014 – يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ سانى 3 مىڭ 415 كە يەتكەن.

219775
نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ سانى 2013 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %15 ئېشىپ، رېكورت سەۋىيەگە يەتكەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭدىكى ئېشىشنى چەت ئەللەردە ياشايدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ يۇقىرى باج تۆلەشكە مەجبۇر بولۇشىغا ۋە مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرگە باغلاپ چۈشەندۈردى. كېيىنكى يىللاردا ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچكەنلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ دىققەت قوزغايدىغىنى لوندون شەھەر باشلىقى بورىس جونسىنمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ قوش پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا تۆلەشكە مەجبۇر بولغان باج تۈپەيلى خۇشال مەمنۇن ئەمەسلىكىنى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئەنگلىيەگە بولغان ساداقىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلقىنى ئەسكەرتتى. بىراق، نۇرغۇن كىشى بۇنى ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ «تەييارلىقى» دەپ قارىدى. جونسىن بولسا، بۇ قاراشلارنى رەت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر