شى جىنپىڭ ئوباماغا: تىبەت ۋە تەيۋەن خىتاينىڭ سەزگۇر نۇقتىسى...

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن (چارشەنبە) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

216096
شى جىنپىڭ ئوباماغا: تىبەت ۋە تەيۋەن خىتاينىڭ سەزگۇر نۇقتىسى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباماغا ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تىبەت ۋە تەيۋەنگە ئوخشاش سەزگۈر مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە خاتىمە بېرىشىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكىنى ئېيتقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ ‹ئىككى تەرەپ ئەسكىرىي، ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ› دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

خەۋەردە، شى جىنپىڭنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دۇنيانىڭ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى تور ھۇجۇمى مەسىلىسىدىكى ئۆزئارا ئەيىبلەشلەرنىڭ سالمىقىنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشماقتا؛ ئاق ساراي بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى تور جاسۇسلىقىغا دائىر نېگىزلىك ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش يولىدىكى خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاق ساراي، ئوبامانىڭ شى جىنپىڭغا بۇ يىل ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئەسناسىدا ئۇنىڭ بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «ئىككى تەرەپ زىيارەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېيىلدى.

ئاق ساراي ئىلاۋە قىلىپ، «ئىككى رەھبەر خەۋپسىزلىك يولىدىكى زورلۇقلارغا قارشى تۇرۇشتا ئۆزئارا ماسلىشىش، بۇ دائىرىدە ئىراننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى (ب د ت خ ك) نىڭ بەش دائىمىي ۋەكىلى ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلەر تەرىپىدىن سۇنۇلغان تارىخىي مۇزاكىرە پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر