رۇسىيە سابىق ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ

رۇسىيە سابىق ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى يانۇكوۋىچنى ئۇكرائىناغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

215869
رۇسىيە سابىق ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە يانۇكوۋىچنى ئۇكرائىناغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
باش تەپتىش يۇرىي چايكا ئۇكرائىنادا بۇلتۇر ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا مەملىكىتىنى تاشلاپ رۇسىيەگە قاچقان سابىق ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىكتور يانۇكوۋىچنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىگە قوشۇلمايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
يۇرىي چايكاي رۇسىيە ۋە خەلقئارا قانۇنلارنىڭ سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەرنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنا باش تەپتىشى ۋىتالىي يارېما 6-فېۋرالدا ئۇكرائىنا پارلامېنتدا رۇسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىگە ختىاپ قىلىپ سابىق ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى يانۇكوۋىچ، سابىق باش مىنىستىر نىكولا ئازاروۋ ۋە سابىق مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى يۇرىي كولوبوۋ قاتارلىق شەخسلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
ۋىكتور يانۇكوۋىچنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى 2013-يىلى نويابىردا توختىتىپ قويۇشىغا قارىتا، پايتەخت كىيىۋدە نامايىشلار باش كۆتۈرگەنىدى. سابىق ھۆكۈمەتنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا قارىتا، نامايىشچىلارمۇ ساقچىلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى. 2014-يىلى 21-فېۋرالدا ۋىكتور يانۇكوۋىچ دۆلىتىنى تاشلاپ رۇسىيەگە ماكانلاشتى، ئۇكرائىنادا بولسا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلدى، پارلامېنت باشلىقى ئالېكساندېر تۇرچىنوۋ «پىرېزىدېنت ۋەكىلى» تەيىنلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر