ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە كىرزىسى توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىردى

بىريۇسسېلدا رۇسىيە كىرزىسى توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىرىلدى.

215062
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە كىرزىسى توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە كومىتېتى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرزس ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.
يىغىندا رۇسىيەگە بولغان ئېمبارگولارنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇكرائىناغا ئېغىر تىپلىق قوراللار ياردەم قىلىشقا ئوخشاش تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرېنت فابيۇس يىغىندىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ: «رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمارگولارنىڭ دەرىجىسىنى ئەمەلىي ئەھۋال بەلگىلەيدۇ» دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 29-يانۋاردا 5ى رۇس بولۇپ جەمئىي 19 كىشىنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. بىراق بۇ قارار ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىدى.
فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى چارشەنبە كۈنى مىنىسكتا تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى. بىريۇسسېل ئېنىق پوزىتسىيەسىنى بۇ يىغىندىن چىقىدىغان نەتىجىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر