ئامېرىكا: بىزگە گەپ ئەمەس، ئەمەلىيەت لازىم

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان خەۋپسىزلىك يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

213959
ئامېرىكا: بىزگە گەپ ئەمەس، ئەمەلىيەت لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئۇكرائىنا ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە... بىز رۇسىيەنىڭ سۆز ئەمەس، كونكرېت قەدەم تاشلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. بايدىن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش تەرەپدارى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ رۇسىيەنىڭ ۋەدىلىرىگە ئېھتىياجىمىز يوق. ھۆرمەتلىك پۇتىن، بىزگە بىر نەرسىلەرنى دەپ تۇرماي، ئەمەلىيىتىڭىزنى نامايان قىلىڭ.»

ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر تۈپەيلى كىئېۋگە قورال ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بايدىن، «پۇتىن كۆپ قېتىم تىنچلىق ئورنىتىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئەمما، تانكا ۋە ئەسكەرلىرىنى ئۇكرائىنا چېگراسىغا توپلىدى. بۇ سەۋەبلىك بىز ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

بۇ جەرياندا بايدىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو بىلەن ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر