«ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى بۇنداق ناچار بولۇپ باقمىغان»

ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت نامزاتى، جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى جون ماككېين بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ۋاشىنگتون بىلەن تېل ئاۋىۋ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

205904
«ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى بۇنداق ناچار بولۇپ باقمىغان»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماككېيىن، ئامېرىكىدا ھازىرغىچە ئوبامادەك ئىسرائىلىيە بىلەن ناچار مۇناسىۋەت ئورناتقان باشقا بىر پىرېزىدېنتنىڭ كەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پەلەستىن ۋە ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يادرو مۇزاكىرىلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان ماككېيىن، ئوبامانىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش جەھەتتە رېئال بولمىغان كۆپلىگەن ئۈمىدلەرگە باغلىنىپ قالغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يېقىنقى مەزگىللەردە پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ، ئاۋام پالاتا باشلىقى جون بوئېنېرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پالاتا ئەزالىرىغا خىتاب قىلىش ئۈچۈن مارت ئېيىدا ۋاشىنگتونغا كېلىدىغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن يىرىكلىشىپ كەتكەنىدى.

بوئېنېرنىڭ ئاق ساراي بىلەن مەسلىھەتلەشمەستىنلا نېتانياھۇنى ئامېرىكىغا تەكلىپ قېلىشى ھاكىمىيەت قانىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

ئوبامادىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىمۇ بايانات بېرىپ، مارت ئېيىدا ئامېرىكىغا كېلىدىغان نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر