ئامېرىكا ھۇسىيلارغا ياردەم قىلىۋاتامدۇ؟

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەۋپسىزلىك ۋە سىياسىي جەھەتتە بىر قاتار كىرىزىسلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان يەمەندىكى ھۇسىيلار بىلەن ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دائىر مەخپىي ئۇچۇرلار) ئالماشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

199446
ئامېرىكا ھۇسىيلارغا ياردەم قىلىۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون باياناتچىسى جون كىرباي، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇسىيلار بىلەن ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كېرەكلىك رەسمىي كېلىشىملەرنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى. لېكىن، كىرباي ئامېرىكىلىق مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي كىرىزىس داۋام قىلىۋاتقان يەمەندىكى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ يەنە يەمەندىكى تېررورىزمغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

«ئەرەب يېرىم ئارىلى ئەلقائىدەسىدىن ئامېرىكا خەلقىنى قوغداش مەقسەتلىك بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ھەققىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن باياناتچى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، خىزمەتچى خادىم سانىنى قىسقارتقان سانئادىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر