ئىراقتا ئى ش ئى د بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى توقۇنۇشتى

ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىدىكى توقۇنۇشتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د مەنسۇبى 20 كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

184537
ئىراقتا ئى ش ئى د بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنبار ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال قازىم ئەلفەھزاۋى، ئى ش ئى د مىلىتانلىرىنىڭ رامادىنىڭ شەرقىدىكى ئەسسىجارىييە رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مىلىتانلارغا قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكىنى، 20 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، پايتەخت باغدادنىڭ شىمالىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاسكەرلەر نىشان قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا بىرى ئەسكەر بولۇپ 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشى يارىلانغان.
پايتەخت باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى مەدايىن ناھىيەسىدىمۇ تېخىچە كىملىكى ئېنىقلاپ چىقىلالمىغان قوراللىق كىشىلەر بىر قاسساپتا ئىشلەۋاتقان ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر