ئى ش ئى د پۇل بىرلىكىنى تونۇشتۇردى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) يېڭى پۇل بىرلىكىنى تونۇشتۇردى.

182550
ئى ش ئى د پۇل بىرلىكىنى تونۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشلەر داۋاملاشماقتا.
كوبانىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلتانلىرى بىلەن كۈرتلەر ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. كۈرتلەر ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ 2 مەھەللىنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالغانلىقلىرى، شۇنداقلا توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن مىلىتاننىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىراقتىمۇ توقۇنۇشلار بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە. شىئە ئەسكەرلەرمۇ يەر ئالغان ئىراق ئارمىيەسى بىلەن پەشمەرگە كۈچلىرى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى ھەرىكەت قىلىۋاتقان رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارماقتا.
ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قوماندانلىرىدىن مەھدى نەۋرۇزنىڭمۇ سامارا شەھىردە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرمۇ رامادىنىڭ زەنكۇنە رايونىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە بىر بازىنى بىتجىت قىلدى.
ھۇجۇمدا تەشكىلات كاتتىۋاشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ 10 ئادەم ئۆلدى. بۇ ئارىلىقتا، گېرمانىيە ئىراق رايونلۇق كۈرت ھاكىمىيىتىگە 100 نەپەر ئالاھىدە تەلىم ئالغان ئەسكەر ئەۋەتىدىغان بولدى. بۇ ئەسكەرلەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پەشمەرگە كۈچلىرىگە ھەربىي تەلىم بېرىدۇ.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تىزگىنى ئاستىدىكى مۇسۇل شەھرىدە باسماقچى بولغان يېڭى پۇللارنى تونۇشتۇردى. مۇسۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مۇسۇلنىڭ كوچىلىرىغا ئېسىلغان ئېلانلاردا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىستىن ياسىلىدىغان دەرھەم پۇل بىرلىكىنى تونۇشتۇردى.
بۇنىڭدىن باشقا، لىۋاندىمۇ ۋەزىيەت بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە. لىۋان ساقچىلىرى تىرابلۇسشامدا مەيدانغا كەلگەن ئادەمبومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇمىيە تۈرمىسىگە ھۇجۇم قىلدى.
تۈرمىدە نۇرغۇن ئەن-نۇسرا مىلىتانىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئەل-نۇسرا فىرونتى ھۆكۈمەتنى تۈرمىدىكى سەبداشلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى ۋە ناۋادا قويۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە لىۋانلىق ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
تىرابلۇسنىڭ جەبەل مۇھسىن ناھىيەسىدە جۈمە كۈنى مەيدانغا كەلگەن ئادەمبومبا ھۇجۇمىدا 11 ئادەم ئۆلۈپ، 50 ئادەم يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر