ئىراق بىلەن مىسىر ئى ش ئى د مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئىراق بىلەن مىسىرنىڭ باش مىنسىتىرلىرى ئى ش ئى د مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

181992
ئىراق بىلەن مىسىر ئى ش ئى د مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئابادى، قاھىرىدە مىسىر باش مىنىستىرى ئىبراھىم مەھلەب بىلەن كۆرۈشتى.
ئىككى رەھبەر تېررورىزىمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ۋە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.
مىسىر باش مىنىستىرى مەھلەب، مىسىرنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتە ئىراق بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراق باش مىنسىتىرى ئابادىمۇ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ خەلقئارلىق تەھدېت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئىراق دۆلىتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلمىغان بولسا ئىدى، بۇ مىلىتانلار تېخىمۇ كۆپ دۆلەتكە خەۋپ يەتكۈزگەن بولاتتى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر