«ئى ش ئى د»نىڭ ئىراقتىكى ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تەييارلىقسىزلا ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەن كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىمدىن 30 كىشى ئۆلۈپ، 42 كىشى يارىدار بولدى.

180436
«ئى ش ئى د»نىڭ ئىراقتىكى ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د»نىڭ ئىراقتىكى ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.
مۇسۇلدىكى ئۇرۇشتا كۇرت قىسىملىرىدىن 30 كىشى ئۆلدى ۋە «ئى ش ئى د» دىنمۇ 40 نەپەر مىلىتان ھاياتىدىن ئايىرىلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د»، ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق گۇۋەر ناھىيەسىگە كېچىدە بېسىپ كىردى.
تەييارلىقسىزلا ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەن كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىمدىن 30 كىشى ئۆلۈپ، 42 كىشى يارىدار بولدى.
تۇقۇنۇشتا «ئى ش ئى د»غا تەۋە 40 مىلىتاننىڭمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د» كونتىروللۇقىنى قولدىن تارتقۇزۇپ قويغان رايونلارغا قايتىدىن ھۇجۇم باشلىغانلىقى تۈپەيلىدىن رايوندا تېخىمۇ شىددەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر