بىرازېلىيە كوچىلىرى يەنە نامايىشچىلار بىلەن تولدى

سوپائۇلودىكى نامايىشلار جەريانىدا پات - پات تارتىشىش يۈز بېرىپ تۇردى.

180414
بىرازېلىيە كوچىلىرى يەنە نامايىشچىلار بىلەن تولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازېلىيەدە ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. كىشلەر كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
سوپائۇلودىكى نامايىشلار جەريانىدا پات - پات تارتىشىش يۈز بېرىپ تۇردى.
ئاپتوبۇس، مېترو ۋە پويىز بىلەتلىرى باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشى، بىرازېلىيە خەلقىنىڭ يەنە بىر قېتىم قىمممەتچىلىككە قارشى كوچىلارنى تولدۇرۇشىغا سەۋەپ بولدى. مىڭلىغان كىشى سوپائۇلو شەھىرىدە توپلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىش ئومۇمەن تىنچ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بەزىدە ساقچىلار بىلەن تارتىشىشمۇ يۈز بەردى. بىر قىسىم نامايىشچىلار قولغا ئېلىندى.
بىرازېلىيەدە 2013 - يىلىمۇ ئاپتوبۇس، مېترو ۋە پويىز بىلەتلىرى باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشىگە قارشى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بېرىپ، پۈتۈن دۆلەت مىقياسىغا كېڭىيىپ كەتكەن ئىدى ۋە ئاخىرىدا ھۆكۈمەت باھا ئۆستۈرۈش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر