«ئى ش ئى د» ساماررا شەھىرىنى قورشىۋالدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د»غا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا.

179284
«ئى ش ئى د» ساماررا شەھىرىنى قورشىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د»غا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە سۈرىيە ۋە ئىراقتا ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ باردى.
ھەر ئىككى دۆلەتتە «ئى ش ئى د»نىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى توختىماي داۋاملىشىۋاتىدۇ.
«ئى ش ئى د» مىلىتانلىرى ئىراقنىڭ ساماررا شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى. شەھەردە قاتتىق تۇقۇنۇش يۈز بەرمەكتە.
«ئى ش ئى د» مىلىتانلىرى 5 ئايرىم ئايرىم تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. ئاندىن راكىتامېيۇتلار ۋە توپلار بىلەن شەھەرنى بومباردىمان قىلدى.
ھۇجۇمدا 8 كىشى ئۆلۈپ، 28 كىشى يارىدار بولدى.
پايتەخت باغداتتا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئونلىغان كىشى يارىدار بولدى.
سۈرىيەدىنمۇ زوراۋانلىق خەۋەرلىرى كەلدى.
ئەلقائىدە تېررولۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بولغان نۇسرا جەبھىسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا بىر قەبرىستانلىقنى پارتلىتىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
قوزغىلاڭچىلار شەھەرنىڭ جەنۇبىدا ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ كونتىرۇللۇقى ئاستىدىكى جايلارغا قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا نۇبۇل ۋە زەھرا يېزىسىدىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە تەۋە ئوق - دورا ئىسكالاتى قوزغلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. يەنە بىر ھەربىي بازا پاچاقلاپ تاشلاندى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر