بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 41 ئى ش ئى د ئەزاسى ئۆلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم سۈرىيەنىڭ كوبانى ناھىيەسىنى ئىككى كۈندە 10 قېتىم بومباردىمان قىلدى.

175707
بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 41 ئى ش ئى د ئەزاسى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوبانىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردا كۈرت (كورد) قوراللىق قىسمىدىن يەتتە ئادەم ئۆلدى. سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئۆيى كۈرت قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئى ش ئى د نى چەتتىكى مەھەللىلەرگە چېكىندۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، ئى ش ئى د بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۈرت قىسىملىرىنىڭ كوبانىنىڭ %80 نى قولغا كىرگۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى ئى ش ئى د نىڭ ئىراقتا يېڭى زېمىنلارنى قولغا كىرگۈزەلمىگەنلىكىنى، ھەتتا مۇداپىئەگە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.
سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ھەلەبنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەيسات رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى. بەششار ئەسەدنىڭ 20 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى 2014 – يىلى ئۈچ يېزىەدا خىلور گازى قوللىنىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كۆپ مىقداردا نەپەس ئېلىنغاندا ئادەمنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بۇ گاز قوللىنىلغان ھۇجۇملاردا 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر