ئىران: ئامېرىكا ئى ش ئى د قا بىۋاسىتە ياردەم قىلىۋاتىدۇ

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پىداكارلار تەشكىلاتىنىڭ قوماندانى گېنېرال مۇھەممەد رىزا نەقدى، «ئامېرىكىنىڭ ئى ش ئى د قا ياردەم قىلغانلىقى» غا دائىر خەۋەرلەرنى تەكىتلىدى.

174300
ئىران: ئامېرىكا ئى ش ئى د قا بىۋاسىتە ياردەم قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەقدى تېھراندا بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئى ش ئى د نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا ھاۋادىن قورال – ياراغ ۋە ياردەم ئەشيالىرىنى تاشلاپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراقتا ئى ش ئى د نى بىۋاسىتە قوللىماقتا. ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تېررورچىلارغا كېرەكلىك قورال ۋە ياردەم ئەشيالىرىنى ئاسماندىن تاشلاپ بەرمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى. ئىراق خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئى ش ئى د نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا تاشلانغان ياردەم ئەشيالىرىنىڭ بىر قىسمىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن نەقدى، «ئى ش ئى د نىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئى ش ئى د قا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىراقلىق خەلق ئەسكەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئىراقنىڭ سالاھۇددىن شەھىرىدە ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىدىن ئى ش ئى د مىلىتانلىرىغا ھاۋادىن قورال ۋە ئوق – دورىلارنىڭ تاشلاپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسى مەزكۇر خەۋەرلەرنى رەت قىلغانىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئى ش ئى د قا ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىراق پارلامېنتىدىمۇ بەس – مۇنازىرە قوزغىغانىدى. مۇقتەدا ئەسسەدر گۇرۇپپىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن ھۈسەيىن شەرىفى، ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى «ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئى ش ئى د مىلىتانلىرىغا ئاسماندىن قورال ۋە ئوق – دورا تاشلاپ بېرىش» نى توختىتىشقا چاقىرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر