ئى ش ئى د نىڭ 100ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ مەنىۋى يىمىرىلىشقا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە تەشكىلاتنىڭ 100 نەپەر ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

171403
ئى ش ئى د نىڭ 100ئەزاسىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ خەۋەر ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى.

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد سالىم ئەلغەببان، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش سەۋەبىنىڭ مەزكۇر ئەزالارنىڭ تەشكىلاتقا بولغان ساداقىتىدىن گۇمانلىنىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

غەببان، «100 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئى ش ئى د نىڭ مەنىۋى جەھەتتە چېكىنىشكە ۋە يىمىرىلىشكە دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر» دېدى.

مۇھەممەد سالىم ئەلغەببان كۆپ قىسمى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان سالاھۇددىن شەھىرىنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە قايتۇرۇۋېلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر ئىراق ئارمىيەسىگە ھەمدەم بولۇش مەقسىتىدە ئى ش ئى د نىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى بەزى جايلارنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىراق پايتەختى باغدادتا مەيدانغا كەلگەن ئۇچ ئايرىم بومبىلىق ھۇجۇمدا 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

باغدادنىڭ شىمالىدىكى شەبئەلبۇر رايونىغا چۈشكەن 2 زەمبىرەك ئوقى 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 7 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر