سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراق چېگرىسى ئى ش ئى د تۈپەيلى كەسكىنلەشتى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراق چېگرىسى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى سەۋەبىدىن كەسكىنلىشىپ كەتتى

173725
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراق چېگرىسى ئى ش ئى د تۈپەيلى كەسكىنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراق چېگرىسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋە كەينىدىنلا ئوق چىقىرىلىشى نەتىجىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق 2 ئەسكەر ئۆلدى.
ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى چېگرىغا ھاۋا توپلىرى بىلەن ھۇجۇمغا قىلغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىدىن گۇمانلانماقتا.
دەرۋەقە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى چېگرانىڭ ئىراق تەرىپىگە جايلاشقان ئەل ئەنبار رايونىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇتۇپ تۇرماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسى بۇلتۇر ئىيۇلدا ئىراقتىن كېلىدىغان بولغۇسى ھۇجۇملارغا قارشى تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقانىدى. بۇ ئارىلىقتا ئىراننىڭ ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشلارغا قاتناشقانلىقىنى ئىراق دائىرلىرى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئىراق مەجلىسى مۇداپىئە ۋە ئىچكى ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى شاكخېۋان ئابدۇللاھ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى بىلەن توقۇنۇشقاندا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىرانلىق ئەسكەر سانىنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان 29 دىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئابدۇللاھ ئىران ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتا غەيرى رەسمىي تۇرۇۋاتقانلىقلىرىدىن زادى قانچىلىك ئىران ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىنىق بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد سالىم ئەل غاببان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاجىزلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، تەشىلاتنىڭ ئاخىرقى قېتىم 100 ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئىراق ئارمىيەسىنى قوللاش مەقستىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تىزگىنىدىكى بەزى بازىلارنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.
يەكشەنبە كۈندىن باشلاپ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراقتا 14، سۈرىيەدە 6 بازىسى ۋەيران قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر