مىسىردا ئۆكتىچىلەر بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە چاقىرىلدى

مىسىردا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە چاقىرىلدى

171693
مىسىردا ئۆكتىچىلەر بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا 20 دەك ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار قايتىدىن بىرلىك بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ژورنالىستلار، سوتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش ھەرىكىتى، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ياشلار ھەرىكىتى ۋە مىسىر ئاياللار ئىنقىلاب بىرلەشمىسى بولۇپ 20 دەك ئۆكتىچى گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئورتاق ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا: «يېڭى بىر ئىنقىلاب ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.
باياناتتا، مىسىر خەلقى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە ئىختىلاپلار تۈگىتىلىپ ھەمكارلىق ۋە بىرلىك ساھەلىرىنى كېڭەيتىش مەقسەت قىلىنغان يىغىنلار ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق قايتىدىن «بىر سەپ» بولۇشقا چاقىرىلدى.
ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ھۆسنى مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان دېلودىن قويۇپ بېرىلىشىدىن ھازىرغىچە 25-يانۋار ئىنقىلابنىڭ نىشانلىرى دائىرىسىدە قايتىدىن بىرلىشىش مەقسىتىدە نۇرغۇن قېتىم چاقىرىلىقلار قىلىنغانىدى. بىراق ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ قايتىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ياكى ئولتۇرماسلىق مەسىلىسىدە كېلىپ چىققان ئىختىلاپلار، چاقىرىقلارنىڭ نەتىجىسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر