«ئى ش ئى د» پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

يەرلىك مەسئۇللارنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا كۆرە، «ئى ش ئى د» مىلىتانلىرى تەشكىلات بايرىقىنى كۆيدۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن كەچتە ئىككى يېزىغا بېسىپ كىرگەن ۋە 170 كىشىنى تۇتۇپ رايوندىن قايتىپ كەتكەن.

170228
«ئى ش ئى د»  پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررولۇق تەشكىلاتى «ئى ش ئى د» ئىراق بىلەن سۈرىيەدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
«ئى ش ئى د» مىلىتانلىرىنىڭ كەركۈك ئەتراپىكى ئىككى يېزىدىن 170 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يەرلىك مەسئۇللارنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا كۆرە، «ئى ش ئى د» مىلىتانلىرى تەشكىلات بايرىقىنى كۆيدۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن كەچتە ئىككى يېزىغا بېسىپ كىرگەن ۋە 170 كىشىنى تۇتۇپ رايوندىن قايتىپ كەتكەن.
«ئى ش ئى د» مىلىتانلىرى تۇتۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھالۋىجە ناھىيەسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
«ئى ش ئى د» مىلىتانلىرىنىڭ مۇسۇل، دىيالا، كەركۈك ۋە سالاھىددىن شەھەرلىرىدە شىئەلەر تەرىپىدىن مۇقەددەس سانىلىدىغان 17 مازارنىمۇ چىقىپ تاشلىغانلىقى قەيت قىلندى.
سۈرىيەد بولسا، سۈننى قەبىلىلەرگە تەۋە 13 كىشى «ئى ش ئى د» تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلاندى.
ئۆلتۈرۈش جەريانى تارقىتىلغان سىئالغۇدا، قەبىلە ئەزالىرىنىڭ ئەسەد ئەسكەرلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر