ئى ش ئى د نىڭ 100 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) غا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەكتە.

167554
ئى ش ئى د نىڭ 100 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبىدا چىققان توقۇنۇشلاردا، ئى ش ئى د نىڭ 100 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى. ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا بىر قورال ئىسكىلاتى تېپىلغان.
ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، قورال ئىسكىلاتىدا پارتلاتقۇچ ياساش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ماتېرىياللار، راكېتامىيوت، مىنامىيوت ۋە خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا، 250 بومبىنىڭ چۇۋۇپ تاشلانغانلىقى، 15 ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر