ئوباما ئى ش ئى د نىڭ ناھايىتى چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د گە سەل قارىماسلىق لازىملىقىنى بىلدۈردى.

165811
ئوباما ئى ش ئى د نىڭ ناھايىتى چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوباما، ئى ش ئى د نىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ دەل ئەكسىچە ئۆزىگە چەكلىمە قويماي ناھايىتى كۆپ زېمىننى ئىگىلىۋېلىپ، كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىراقنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا كۈچى يەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئى ش ئى د بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئانچە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئوباما، بۇ تەجرىبە – ساۋاقنى ئىلگىرى ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشلىرىدا يەكۈنلىلىگەنلىكلىرىنى، شۇڭا ھازىرقى ئىستىراتېگىيەنى تاللىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
پىرېزىدېنت باراك ئوباما يەنە، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا، «ئىستىراتېگىيەلىك سەۋر – تاقەت بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر تارقىتىش يۆنىلىشى» نىڭ ئۆزئارا ماسلىشالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر