ئىراقتا ئى ش ئى د ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە

ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.

165491
ئىراقتا ئى ش ئى د  ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەلبۇگانەم رايونىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا بىر ئادەم ئۆلدى، 3 ئادەم يارىلاندى.
بەزى ئۆيلەردە ئېغىر زىيان مەيدانغا كەلدى. ئەلبۇگانەم قەبىلە ئەزالىرى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى ئارىسىدا پەيدا بولغان توقۇنۇشتا 13 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى، 2 قەبىلە ئەزاسى يارىلاندى.
رامادى شەھىرىنىڭ ھادىسە ناھىيەسىدە ئىراق بىخەتەرلىك كۈچلىرى بىلەن ئالاقە ئىچىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە ئاپتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلدى، 12 نەپەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانى ئۆلدى.4 ئاپتوموبىل كارغا كەلمەس ھالەتكە كېلىپ قالدى.
ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى باشچىلىقىدىكى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ئىيۇندا مۇسۇل قاتارلىق بەزى رايونلارنىڭ تىزگىنىنى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار كۈچىيىپ كەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر