مالىدا ب د ت نىڭ بىر ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

مالىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

165700
مالىدا ب د ت نىڭ بىر ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىدا فىرانسىيە بىلەن مالى ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان بىر ھەربىي بازىغا روكېت بىلەن ھۇجۇم قىلىندى.
كىدال رايونىدىكى ھەربىي بازىرىغا 9 روكېت ئېتىلدى. ھۇجۇمدا ئۆلۈش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ھۇجۇمنى كىملەرنىڭ سادىر قىلغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
مالىدا قوراللىق گۇرۇپپىلار كېيىنكى كۈنلەردە چەتئەللىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر