ب د ت بىرمانى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سالماسلىققا چاقىردى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرمانى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سالماسلىققا چاقىردى

165695
ب د ت بىرمانى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سالماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى بىرمادىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە تەييارلانغان تەكلىپ لايىھەنى ماقۇللىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرمانى روھىڭيا مۇسۇلمانلارغا پۇقرالىق ۋە ئەركىن ساياھەت قىلىش ھەققى بېرىشكە چاقىردى. بىرما ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان خەلقئارا بېسىمنى كۈچەيتىشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپ لايىھەدە دىنى ۋە ئېتنىك ئاز سانلىقلارنىڭ ھەقلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
بىرما ئاراكان ئۆلكىسىدە ياشاۋاتقان 1 مىليون 3مىڭ روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى قانۇنسىز باڭلادېش كۆچمىنى دەپ قارالغانلىقتىن پۇقرالىق ھەققى بېرىلمەي كەلمەكتە. ئۆلكىدىكى بۇددىست ئاشقۇنلارنىڭ زۇلۇمىغا دۇچ كەلگەن روھىڭيالىقلار 2012-يىلى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا.
تەخمىنەن 140مىڭ مۇسۇلمان ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ چېدىرلاردا ياشاشقا ياكى قوشنا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولماقتا. بىرما ھۆكۈمىتى ئاز سانلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەييارلاپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان «ھەرىكەت پىلانى»نى ھازىرغىچە ئېلان قىلمىدى.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھە ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل 3-كومىتېت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە ئەۋەتىلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر