رۇسىيە ئىلغار سەۋىيەلىك توشۇغۇچى راكېتاسىنى سىناق قىلدى

رۇسىيە 25 توننا ئېغىرلىق توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە يېڭى ئانگارا راكېتاسىنى سىناق قىلدى.

158376
رۇسىيە ئىلغار سەۋىيەلىك توشۇغۇچى راكېتاسىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئانگارا-ئا5» ئېغىر تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ شىمالىدىكى پلېسېتسكىدا سىناق قىلىندى. سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، راكېتانىڭ ئۇتۇقلۇق قويۇپ بېرىلىپ بەلگىلەنگەن پلانېتاغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«ئانگارا-ئا5» نى سىناق قىلىش جەريانىنى كۆزەتكەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، «بۇ، راكېتا ۋە ئالەم بوشلۇقى ساھەمىز نۇقتىسىدىن شۇنداقلا پۈتۈن رۇسىيە نۇقتىسىدىن چوڭ ۋە ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش» دېدى.

ئانگارا راكېتا ئائىلىسى سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، مۇسكۋا تەرىپىدىن پروتون ئېتىش سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىشى ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغانىدى.

ئېغىر ۋە يەڭگىل تىپلىق ئانگارا راكېتالىرىنىڭ توشۇش ئىقتىدارى 1 يېرىم توننا بىلەن 25 توننا ئارىسىدا بولۇپ، رۇسىيە پەن – تەتقىقاتچىلىرى، بۇ سىستېمىنىڭ مۇھىتقا زىيانسىز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا. يېڭى راكېتا پۇتىننىڭ رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى سانائىتىنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسى جەھەتتىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

سىناق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن موسكۋا بارلىق ئالەم بوشلۇقى ۋاستىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى جايلاردا مۇستەقىل ھالەتتە ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىشنى پىلانلىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر