ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە شىركەتلىرىگە يېڭى ئېمبارگو

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن تەستىقلانغان قارارنامىدە قىرىمغا ھەر خىل مەھسۇلات، تېخنىكا ياكى مۇلازىمەت ئېمپورت - ئېكىسپورت قىلىش مەنئى قىلىندى.

154153
ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە شىركەتلىرىگە يېڭى ئېمبارگو

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىغا قارىتا ئېمبارگولىرىنى داۋاملاشتۇرۈپ، ئۇكرائىنا ۋە رۇسيەنىڭ شىركەتلىرىگە يېڭى ئېمبارگولارنى يولغا قويدى.
ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەنىڭ 24 شىركىتىگە ئۇكرائىنانىڭ مۇقىملىقىنى بۇزغانلىقى سەۋەبىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارار قىلىندى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن تەستىقلانغان قارارنامىدە قىرىمغا ھەر خىل مەھسۇلات، تېخنىكا ياكى مۇلازىمەت ئېمپورت - ئېكىسپورت قىلىش مەنئى قىلىندى.
قارارنامىدە يەنە خەزىنە مىنىستىرلىكىگە قىرىمدا پائالىيەت قىلىۋاتقان كىشى ياكى شىركەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھوقۇقىمۇ تاپشۇرۇلدى.
ئوبامانىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا «رۇسىيەنى يەنە بىر قېتىم قىرىمنى ئىشغال قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋىلىش ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىشكە ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەرنى قوللاشنى توختىشىشقا شۇنداقلا مىنسىك كېلىشىمى بويىچە ئۆز مۇسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.
خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىكىمۇ رۇسىيەنىڭ سېلىنما شىركىتى « Marshall Capital Fund»تىن باشقا يەنە، قىرىم رۇسىيەگە قۇشۇۋېلىنغاندىن كېيىنكى قىرىم ئەسكەرلىرىگە ياردەمدە بولۇۋاتقان «كېچە بۆرىلىرى» ئىسىملىك رۇس موتورسېكلىتلىق لۈكچەكلەر گۇرۇھى ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيەلىك ۋە ئۇكرائىنالىق بەزى شەخس ۋە شىركەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ماقۇللىدى.
ئېمبارگو دائىرىسىگە ئېلىنغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىمۇ چەكلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر