پەلەستىن قارار لايىھەسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان ‹پەلەستىن قارار لايىھەسى› ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇلدى.

152184
پەلەستىن قارار لايىھەسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەشكە تاپشۇرۇلغان لايىھەنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشى ئۈچۈن ئارىدىن 24 سائەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، كېڭەشتە بۇنىڭدىن ئىلگىرى رەسمىي يۇسۇندا تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، ئاۋازغا قويۇلمىغان كۆپ ساندا قارار لايىھەسى بار.

بۇ قېتىمقى لايىھەدە، ئىسرائىلىيەدىن 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشغال قىلىۋالغان پەلەستىن زېمىنلىرىدىن چىقىپ 1967 – يىلىدىن ئىلگىرىكى چېگرالارغا چېكىنىشى، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولىدىغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر