رۇسىيە: ئۇكرائىنا ياۋروپانىڭ سېپىدە تۇرغانلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ

رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ، دۆلىتىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولار مەسىلىسىدە ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا بىلەن بىر سەپتىن ئورۇن ئېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

149903
رۇسىيە: ئۇكرائىنا ياۋروپانىڭ سېپىدە تۇرغانلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېدۋېدېۋ، كىئېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ قوشنىلىرىغا زىيان سالىدىغان قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ۋە بەدىلىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررىمۇ لوندوندا رۇسىيەدىكى كىرىزىس ئۈستىدە توختالدى؛ كېررى، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قېتىۋېلىشى ۋە ئۇكرائىناغا مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە ئېمبارگولارغا دۇچار بولغانلىقىنى، رۇس خەلقىنىڭ قىينىلىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى، نىشاننىڭمۇ بۇ ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

رۇبلىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار ئەمەس، دېگەن كېررى، تۆۋەنلەۋاتقان نېفىت باھاسىنىڭ رۇسىيەدىكى كىرىزىستا ئۆزىنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر