رۇسىيە، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يىغىن ئېچىشنى چاقىرىق قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئېچىشنى چاقىرىق قىلدى.

146211
رۇسىيە، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يىغىن ئېچىشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىتار تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنا بىلەن تىنچلىق ئۈچۈن پۇرسەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەرلەردە، سېرگېي لاۋروۋنىڭ ھەممە قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى ۋە پايدىلىق مۇھىتقا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
كىيېۋ ھۆكۈمىتى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش قارارى ئالغان بولسىمۇ، 9 – دېكابىر ئۆتكۈزۈلىشى پىلان قىلىنغان مىنسىك ئۇچرىشىشلىرى 12 – دېكابىرغا كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشېنكو ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كىيېۋدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان دونېتسىك ۋە لۇھانسىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئەمما ئارقىدىن يەنىلا ئۇرۇش داۋاملاشقان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر