ماس: يېڭى پىلان كاتالونىيەنى 18 ئايدا مۇستەقىللىققە ئېرىشتۈرىدۇ

كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتى باشلىقى ئارتۇر ماس، «مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارغا مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئالاھىدىلىكى ئىلاۋە قىلىدىغان بىر خىل ئىزدىنىشنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكلىرى» نى ئېيتتى.

207092
ماس: يېڭى پىلان كاتالونىيەنى 18 ئايدا مۇستەقىللىققە ئېرىشتۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئارتۇر ماس، «مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارنىڭ مۇستەقىللىققا بارىدىغان يولدىكى بىردىنبىر تاللاشقا ئايلانغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ماسنىڭ پىلانى، مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان بارلىق سىياسىي پارتىيە ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ئورتاق مۇنبەر ئاستىدا مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا ئىشتىراك قىلىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئارتۇر ماسنىڭ قارىشىچە، مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا غەلىبە قازىنىدىغان ئورتاق مۇنبەر، كاتالونىيەنى 18 ئاي ئىچىدە مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرىدىكەن.

مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس. كاتالونىيەدە 9- نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن غەيرىي رەسمىي بېلەت تاشلاشقا 2 مىليون ئادەم قاتناشقانىدى. تىزىملىكتىكى ئومۇمىي بېلەت تاشلىغۇچىلار سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىشتىراكچىلارنىڭ %80 گە يېقىنى مۇستەقىللىقنى قوللاپ بېلەت تاشلىغانىدى.

مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى، غەيرىي رەسمىي بېلەت تاشلاشنىمۇ مەنئى قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر