كېرى ئىيوردانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى توغرۇلۇق ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئىيوردانىيەدە ئىدى.

189910
 كېرى ئىيوردانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېرى ئىيوردانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى توغرۇلۇق ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئىيوردانىيەدە ئىدى.
كېرى، زىيارىتى دائىرىسىدە ئىيوردانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ناسىر جۇدە بىلەن كۆرۈشتى.
كېرى، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن «ھازىر ئىككى تەرەپنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇن زامان ئەمەس» دېدى.
كېرى، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ، مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئۈچۈن مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدىغان مەسجىدى ئەقسا ۋە ئەتراپىدا جىددىيچىلىكنىڭ پەسەيتىلىشى مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە، پەلەستىن ۋە ئىيوردانىيەنىڭ، قۇددۇستىكى مۇقەددەس جايلاردا جىددىيچىلىكنىڭ پەسەيتىلىشىدە مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن كېرى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىغا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
كېرى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د گە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى ئىشلەپچىقىرىشتەك نىشانىنىڭ يوقلۇقىنى ھەمىشە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن تېھراننىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر