`مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ھەمكارلىق شەرت`

تۈركىيە، ئافغانىستان رايونلۇق بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق نىشان قىلىنغان ئىستانبۇل باسقۇچىدىكى ئاكتىپ رولىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرماقتا.

176202
`مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ھەمكارلىق شەرت`

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئافغانىستان رايونلۇق بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق نىشان قىلىنغان ئىستانبۇل باسقۇچىدىكى ئاكتىپ رولىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرماقتا.
4 – نۆۋەتلىك ئىستانبۇل باسقۇچى يىغىنى بېيجىڭدا چاقىرىلدى.
تۈركىيەگە ۋەكالىتەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا، 13 رايون دۆلىتى بىلەن باسقۇچنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قاتناشتى.
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غانى ئەھمەدزائى، يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تۈركىيەگە ھەمدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، قىيىن ئۆتكەللەرگە قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئافغانىستاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئافغانىستان دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار پەقەت ئافغانىستاننىڭلا ئەمەس، رايونلۇق مەسىلىدۇر. جۈملىدىن نۆۋەتتە ئافغانىستان دۇچ كېلىۋاتقان تېررورىزم، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر چېگرا ھالقىغان مەسىلىلەردۇر. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. جۈملىدىن شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز.»
تۈركىيەنىڭ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى نامىدىن ئافغانىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىزغا ۋەدە بېرەلەيمەن» دېدى.
چاۋۇشئوغلۇ، تۈركمەنىستان ۋە پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر