خوڭكوڭتا ئوقۇغۇچىلار باشچىلىقىدىكى نامايىشلار كۈچەيمەكتە

خوڭكوڭدا نامايىشچىلار خىتاينىڭ سايلامغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلماقتا.

163015
خوڭكوڭتا ئوقۇغۇچىلار باشچىلىقىدىكى نامايىشلار كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ خىتايغا قوشۇلغان 1997-يىلدىن بۇيان ئەڭ چوڭ سىياسىي كىرزىسكە سەھنە بولماقتا.
ئۈچىنچى ھەپتىگە قەدەم قويغان نامايىشلاردا نامايىشچىلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.
خوڭكوڭدا كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان نامايىش ئۆتكۈزمەكتە. رايوننىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قوشۇلۇشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆز ۋالىيسى سايلىنىدىغان 2017-يىلدىكى سايلاملارغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئارىلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىشى مىڭلارچە ئادەمنىڭ نامايىش قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىگە يېقىن كومىتېتنىڭ سايلاملاردا رىقابەتكە چۈشىدىغان نامزاتلارنى ۋېتو قىلىش ھوقۇقى بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا، نامايىشچىلار بولسا سايلاملارنىڭ ئاساسىي قانۇندا قانداق بېكىتىلگەن بولسا شۇنداق بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.
خوڭكوڭدىكى مەركەز جايلارنى قاتناشقا توسۇۋەتكەن نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە تارقىتىۋېتىلدى. بىراق نامايىشچىلار بىر نەچچە سائەت ئۆتمەيلا ئوخشاش جايلارنى تىزگىنلىۋالدى.
نامايىشچىلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن خوڭكوڭ رەئىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى سەيشەنبە كۈنى كۆرۈشىدىغانلىقىنى جاكارلىشىمۇ، نامايشىلارنىڭ پەسكويغا چۈشۈشىدە رولى بولمىدى.
نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سايلاملارغا ئارىلاشماسلىقنى ئېلان قىلغۇچە نامايىشلارنى توختاتمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر