كېرى ئېشتىن ۋە زارىف بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، ۋىيانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى كېترىن ئېشتىن ۋە ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشتى.

158841
كېرى ئېشتىن ۋە زارىف بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېرى ئېشتىن ۋە زارىف بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، ۋىيانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى كېترىن ئېشتىن ۋە ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىش 7 سائەت داۋاملاشتى.
يادرو مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىران بىلەن 1+5 دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا شىۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋە شەھىرىدە 2013 – يىلى 24 نويابىر كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان مۇزاكىرىلەردە ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا 2014 – يىلى 20 – ئىيۇلغىچە كەڭ كۆلەملىك كېلىشىم تۈزۈلۈشى پىلانلانغانىدى. بىراق ئىختىلاپلارنىڭ ھەل بولماسلىقى تۈپەيلى مۇزاكىرىلەر 2014 – يىلى 24 – نويابىر كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر