سۈرىيەدىكى ئى ش ئى د بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىندى

سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

156976
سۈرىيەدىكى ئى ش ئى د بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازىلىرىغا 8 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بىرلەشمە كۈچلەر سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازىلىرىغا 8 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن كۈرت كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن كوبانى شەھرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا قىلىنغان 4 قېتىملىق ھۇجۇمدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى ۋەيران قىلىندى.
شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن 3 ھۇجۇمدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۈچ بىناسى ۋە بىر تۇرالغۇ جايى يەر بىلەن يەكسان بولدى. ئىككى بىناسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، راككانىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھۇجۇملاردىمۇ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر بارىگاھى ۋەيران قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر