راققەدىكى ئى ش ئى د نۇقتىلىرى بومباردىمان قىلىندى

بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئايروپىلانلىرى ئى ش ئى د نىڭ راققە شەھىرىدە ئىگەللىۋالغان جايلىرىنى قاتتىق بومباردىمان قىلدى.

150604
راققەدىكى ئى ش ئى د نۇقتىلىرى بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) نىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنى بومباردىمان قىلدى.
«ئاين ئەلئاراب» دەپمۇ ئاتىلىدىغان كوبانى بازىرىدا شىددەتلىك كوچا ئۇرۇشلىرى داۋاملاشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەلقئارا جەمئىيەتلەردىن كوبانى بازىرىنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. كوبانىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئى ش ئى د سانائەت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ مەھەللىنى قولغا چۈشۈردى، كوبانى مەركىزىنى بولسا كۈرت (كورد) قوراللىق قىسىملىرى ساقلاپ قالدى.
ئى ش ئى د نىڭ كوچا ئۇرۇشلىرى داۋاملىشىۋاتقان كوبانىغا 2 مىڭ ئادەم بىلەن كىرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. يېقىنقى كۈنلەردە كوبانى ئەتراپىدىكى مۇھىم ئېگىزلىك ۋە بەزى بىنالارغا ئى ش ئى د نىڭ بايراقلىرى ئېسىلدى. كىشىلەر كوبانىدىن قېچىشقا باشلىدى.
ئى ش ئى د «پايتەخت» دەپ ئېلان قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە راققە شەھىرىدىكى جايلار بومباردىمان قىلىنغاندىن كېيىن، ئى ش ئى د قوللىنىۋاتقان بىنالارنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىغان ئەزالىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر