ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بىر - بىرلىرىنىڭ ‹ئەيىب› لىرىنى ئېچىشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە بىر – بىرلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا رەت قىلىش ھوقۇقىنى سۇيىئىستىمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

142578
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بىر - بىرلىرىنىڭ ‹ئەيىب› لىرىنى ئېچىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ «رۇسىيە ‹رەت قىلىش› ھوقۇقىنى سۇيىئىستىمال قىلماقتا» دېگەن ئەيىبلىشىگە رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ ‹رەت قىلىش› ھوقۇقىنى باشقا دۆلەتلەردىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق ئىشقا سالغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكىنىڭ ‹رەت قىلىش ھوقۇقى› توغرىسىدىكى ئەيىبلىشىگە دۆلىتىدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. «ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق ‹رەت قىلىش ھوقۇقى› نى ئىشقا سالدى» دېگەن لاۋروۋ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىلىرى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلار ئۈچۈن بېلەت تاشلانغاندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

«‹رەت قىلىش ھوقۇقى› نە بىر ئالاھىدىلىك، نە بىر ھەۋەس ئەمەس» دېگەن لاۋروۋ، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسلىگە قايتۇرۇشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب د ت دا ‹رەت قىلىش ھوقۇقى› پەقەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىتاي، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئىبارەت بەش دائىمى ئەزاسى تەرىپىدىنلا ئىشقا سېلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر