تۈركىيە، ئ ش ئ د گە قارشى يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئىمزالىمىدى
ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) گە قارشى تۇرۇش چوڭ يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە چاقىرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيە، مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە پارس قولتۇقى ئەللىرىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا چاقىرىلغان ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) تەشكىلاتىغا قارشى كۆرەش قىلىش توغرىسىدىكى يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلدى.
تۈركىيە يىغىندا چىقىرىلغان قارارلار ئورۇن ئالغان خۇلاسە دوكلاتىنى ئىمزالىمىدى. يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، «ئىشتىراك قىلغۇچى دۆلەتلەر، مۇۋاپىق كۆرۈلگەن تەقدىردە ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتكە پەرقلىق يوللار بىلەن قېتىلىش مەسىلىسىدە بىرلىك ھاسىل قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
خۇلاسە دوكلاتىدا <ئاتالمىش> ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ رايون ۋە دۇنيا ئۈچۈن بىر تەھدىت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
دوكلاتتا يەنە «يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچى دۆلەتلەر، ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى مەنسۇپلىرىنىڭ ئىراق، سۈرىيە ۋە دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يوقىتىپ تاشلىنىشى مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى» دېيىلدى.
بۇ ئارقىلىق ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ سۈرىيە زېمىنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلگەن بولدى.
دۆلىتىمىز (تۈركىيە) دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.