ئامېرىكا ئى ش ئى د گە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
118863
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئىراقتا ھادىسە دامبىسى ۋە ئەربىل ئەتراپىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى نىشانلىرىغا 5 يېڭى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزى قوماندانلىق باش ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھادىسە دامبىسى ئەتراپىدا بىرىگە زېنىت توپلىرى قاچىلانغان 3 ئاپتوموبىل بىلەن مىلىتان كۈچلىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھازىرغىچە 48 ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.