پوروشېنكو بىلەن پۇتىن ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە توختالدى

پورونشېنكو بىلەن پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە توختالدى.

116627
پوروشېنكو بىلەن پۇتىن ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكرائىنانىڭ شەرقىدە جۈمە كۈنى ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈنۈگۈن كەچتە تېلېفوندا كۆرۈشتى.
ئوكرائىنا پىرىندېنتلىق ئالاقە ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پوروشېنكونىڭ پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، مىنسكتە ئۈچ تەرەپ گۇرۇھىنىڭ كېڭەشلىرىدىن كېيىن ئىمزالانغان تىنچلىق باياننامىسى ئۈستىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا ئىككى دۆلەت پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرى قەيت قىلىندى. باياناتتا يەنە، پورونشېنكو ۋە پۇتىننىڭ ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنىڭ ئىزچىلىققا ئېرىشىشى يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكلىرىمۇ بىلدۈرۈلدى.
ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنى نازارەت قىلىش خىزمەتلىرىگە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقلىرى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ياردەم بۇيۇملىرىنى رايونغا يۆتكەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېرەكلىكىمۇ قەيت قىلىندى.
بىلوروسىيەنىڭ پايتەختى مىنسكتە جۈمە كۈنى چاقىرىلغان «ئوكرائىنا-رۇسىيە-ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئۈچ تەرەپ گۇرۇھى يىغىنىغا قاتناشقان ئوكرائىنىڭ سابىق پىرېزىدېتنى لىئونىد كۇچما، رۇسىيەنىڭ كىيىۋدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىخائىل زۇرابوۋ بىلەن لۇگانسك ۋە كونېتسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى مەسئۇللىرى، سائەت 18:00دىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ئەسىرگە ئېلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش توغرۇلۇق كېلىشىم تۈزگەن ئىدى. كەينىدىن پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكومۇ ئوكرائىنا دۆلەت ئارمىيەسىگە سائەت 18:00دىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش بۇيرۇقى بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر