ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگىل، كېلەر ھەپتە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

108571
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگىل، كېلەر ھەپتە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
پېنتاگون باياناتچىسى جون كىربىي، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھېيگىلنىڭ 4 – 5 سېنتەبىر كۈنلىرى گاللېردا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن نۆۋەت بىلەن گىرۇزىيە ۋە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھېيگىلنىڭ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كىربى، «تۈركىيە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولىدۇ، سۈرىيە بىلەن ئىراق چېگرىسى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى سېلىۋاتقان رايونلۇق تەھدىتكە قارىتا ئەندىشىلىرىمىز ئورتاق» دېدى.
كىربىي، مىنىستىر ھېيگىلنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇ زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھالقىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى جەھەتتىن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر