ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىنى بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئەربىل ئەتراپىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى نۇقتىلىرىنى ئىككى قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

104805
ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەربىل ئەتراپىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىككى ھەربىي ئاپتوموبىلىنى بومباردىمان قىلغانلىقى، يەنە بىر ئاپتوموبىلغا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى. ھەربىي ھەرىكەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئايروپىلانلارنىڭ بومباردىماندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا قايتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 8 – ئاۋغۇستتىن بۇيان ئىراقتا 98 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر