ئامېرىكا ئى ش ئ د بازلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەربىلدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازلىرىغا تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلدى

84788
ئامېرىكا ئى ش ئ د بازلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەربىلدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازلىرىغا تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلدى.
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارمۇ ئىشقا سېلىنغان ھۇجۇملاردا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى بىلەن توپچىلار قىسمىغا زەربە بېرىلدى.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى ئەربىل ئەتراپىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا تۇنجى قېتىم زەربە بەردى.
تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ يىراقتىن كونىترول قىلىنىدىغان ئالەم كېمىسى بىلەن، ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ بولسا F/A 18 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ھۇجۇملاردا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ 7 ئاپتوموبىلدىن تەشكىل تاپقان بىر ئەترىتى بىلەن توپچىلار قىسمىغىمۇ زەربە بېرىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ 8 مىلىتانىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 20 سىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھوشيار زەبارى، ھەربىي ھەرىكەت قارارى تۈپەيلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى مەغلۇب قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئاد مەسۇم بىلەن، شىمالىي ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە باغدادتا داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتى توغرۇلۇق تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتى.
بايدىن، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراقلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئىراقنى قوللاشنى داۋالاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر