ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى

ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە 225 مىليون دوللار يادەم قىلدى.

79703
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيەگە 225 مىليون دوللار ياردەم قىلدى.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەجلىستە ماقۇللانغان ياردەم لايىھەسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىمزالىشى بىلەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن ياردەم فونىنىڭ ئىسرائىلىيەگە يەتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا 225 مىليون دوللارلىق جىددىي ياردەمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان تۆمۈر گۈمبەز روكېت مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. ياردەمنىڭ تۆمۈر گۈمبەزگە تەۋە زاپچاسلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ئالدىن ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللار ئىسكىلاتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا بۇ ياردەمنىڭ 2015-يىلىدا بېرىلىشى پىلانلانغان 176 مىليون دوللارلىق ياردەمگە قوشۇمچە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغان تەرىپىمۇ بارلىقىنى قەيت قىلغان ئاق ساراي، تېل ئاۋىۋ ھاكىمىيىتىنى بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولىدىغان ھۇجۇملارنى قىلماسلىققا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر