ئامېرىكا غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن مەمنۇن...

ئامېرىكا غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

80324
ئامېرىكا غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن مەمنۇن...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاكىمىيىتى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جېن پىساكى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «72 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپ لايىھەنى قوللايمىز ۋە ھەر ئىككى تەرەپنى بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى. پىساكى ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان روكېت ۋە تۇنېل ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىلىشىنى ۋە غەززە خەلقنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنىڭ تۈگىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
مىسىر ھۆكۈمىتىنى ۋە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنى تەبرىكلىگەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان پىساكى يالغۇز زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش بىلەن قالماستىن، ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش يوللىرى ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى دۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئاق سارايمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنى «تېپىلغۇسىز پۇرسەت» دەپ تەرىپلىدى. ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى تونى بىلىنكېن، CNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا ۋەدە بېرىشىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا تۇنېللارنى ۋەيران قىلغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلغان بىلىنكېن، «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك تەرەپ مەنچە ھاماستۇر. كېيىنچە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە بەزى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت تېپىلىدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر