ئوكرائىنادا ئىككى ھەربىي ئايرۇپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى

ئوكرائىنادا رۇس بۆلگۈنچى كۈچلەر ئوكرائىناغا تەۋە ئىككى ھەربىي ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

69639
ئوكرائىنادا ئىككى ھەربىي ئايرۇپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكرائىنادا رۇس بۆلگۈنچى كۈچلەر ئوكرائىنا ئارمىيەسىگە تەۋە ئىككى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى.
ئوكرائىنا خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن 2 ئوكرائىنا ئايرۇپىلانغا زەربە بەرگەن روكېتلارنىڭ رۇسىيەدىن ئېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بولسا ئوكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باياناتىنى قەتئىي رەت قىلدى.
ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ مالايسىيا ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە) شىركىتىگە تەۋە يولۇچىلار ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن يەرگە يېقىن جايدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بۆلگۈنچى كۈچلەر ئايروپىلانلارنى ئاتالمىش مۇستەقىل رايون دونېېتسىكتا ئۆزلىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
بۆلۈنگۈچى كۈچلەر ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئايرۇپىلانلاردىن بىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىنىڭ پاراشوت بىلەن سەكرەپ قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇچقۇچىنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەقەنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئوكرائىنا ھاكىمىيىتى ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلاننىڭ قانداق قورال بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ئارىلىقتا، دونېتسىك بىلەن لۇھانىسك شەھەرلىرىدە ئوكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن بۆلگۈنچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر